ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيانقى ئىككى ئايغا يېقىن جەرياندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن غايىب بولۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جاڭ چۈنشيەن گەرچە بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى قارمىقىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى سوئال بەلگىسى ئاستىدا تۇرماقتىكەن.
جاڭ چۈنشيەن بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلىپ ئاز كەم ئىككى ئاي جەريانىدا بىر قېتىممۇ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كۆرۈنمىگەن. تۈنۈگۈن شىنخۋا ئاگېنتلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئىسمى يۈتكەن جاڭ چۈنشيەن ھەققىدە بىرىنچى قېتىم خەۋەر بېرىپ، ئۇنىڭ شەنشى ئۆلكىسىگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ھالبۇكى، خەۋەردە دېيىلىشىچە جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۆزى يالغۇز سەپەر قىلغانلىقى، مەركەزدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلمىگەنلىكى مەلۇم.
بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا تاراتقۇلار خىتايدىكى ئەڭ سەزگۈر رايون - ئۇيغۇر ئېلىنى 6 يىلدىن بۇيان بىر قوللۇق كونترول قىلىپ كەلگەن جاڭ چۈنشيەننىڭ تەختتىن غۇلىغاندىن كېيىنكى تەقدىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان.
مەلۇمكى، جاڭ چۈنشيەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 25 كىشىلىك سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئورۇننى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتىكەن.