جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى سوتقا تارتىلدى

خىتاي ياكى تەيۋەنگە ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى لىن جيېلياڭ (ئېدۋارد لىن ) 17 - ئاپرېل ھەربىي سوتقا تارتىلغان.


خىتاي ياكى تەيۋەنگە ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى لىن جيېلياڭ (ئېدۋارد لىن ) 17 - ئاپرېل ھەربىي سوتقا تارتىلغان.

سوت ئامېرىكىنىڭ ۋىرىگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان نورفولك دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا ئېچىلغان.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تەتقىقات جەمئىيىتى تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، سوتتا لىنغا «ئىككى قېتىم جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش، 3 قېتىم جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىر نەچچە قېتىم قەتئىي مەخپىي ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىخەستەلىك قىلىش قاتارلىق جىنايەت» لەر ئارتىلغان.

Wawy 10 - قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىن 2012 - سېنتەبىردىن 2013 - دېكابىرغىچە بىر قېتىم، 2012 - ئاپرېلدىن 2014 - يىلى مايغىچە بىر قېتىم مەخپىي ھەربىي ئۇچۇرلارنى چەتئەل خادىملىرىغا تاپشۇرغان.

ئۇ تاپشۇرغان ئۇچۇرلار 2 - دەرىجىلىك قەتئىي مەخپىي مەلۇماتلار كاتېگورىيەسىگە كىرىدىكەن.

لىن سوتتا ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدىن زاسېداتىللارمۇ ئىشتىراك سوت ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ كېلەر قېتىمقى سوتى بۇ يىل ئىيۇننىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بۇ يىل ئاپرېلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ئېدۋارد لىننىڭ خىتايغا ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنى يەتكۈزۈش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ئېدۋارد لىننىڭ ئەسلى ئىسمى لىن جيېلياڭ بولۇپ، تەيۋەندە تۇغۇلغان ۋە 14 يېشىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن، 2008 - يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە لىن جيېلياڭ 2015 - يىلى 11 - سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئارىلىدىن خىتايغا قاراپ ئۇچۇش ئالدىدا قولغا ئېلىنغان.

تاشقى سىياسەت خەۋەرلەر تورىغا قارىغاندا، لىن 2015 - يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ چەتئەل جاسۇسى سىياقىغا كىرىۋالغان مەخپىي خادىملىرىغا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكلىرىنى يەتكۈزگەن ۋە شۇ ئارقىلىق تۇزاققا چۈشۈرۈلگەن ئىكەن.

ئېدۋارد لىن 2014 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار ھەربىي رازۋېدكا ۋە يەر يۈزىنى تەكشۈرۈش ئايروپىلانى پ - 8 پوسېيدون ۋە پ - 3 ئورىئون ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە پاتۇرۇل ئېسكادرونىنىڭ كوماندىرى بولغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېدۋارد لىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن 11 سائەت سوراق قىلىنغان ۋە سوراق جەريانىدا بارلىق جىنايەتلىرىنى ئىقرار قىلغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىن بۇ يىل ئاپرېلدا سوتقا ئېلىپ چىقىلغانغا قەدەر مەخپىي قامالغان.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org