ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشلىكى 20-فېۋرال كۈنى باشلىغان ھەرىكەتتە، خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئالتە گۇماندارنىڭ قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغان.
«خەۋەر تۈرك» تېلېۋىزىيەسى 28-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان بۇ ئالتە گۇمانداردىن سادىق مەمەتئەزىزنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خادىمى، قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى «لى» بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئەسلىدە ئۇنىڭ 2000-يىللاردىن باشلاپلا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى جاسۇسلىرىدىن «مۇتىۋۇللا» ۋە «ئالىمجان» ئىسىملىك جاسۇسلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ تۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان ھەمدە ئىستانبۇل باش تەپتىشلىكىگە يوللانغان دوكلاتتا قەيت قىلىنغان.
تۈركىيە ئىستىخباراتىنىڭ دەلىللىشىگە كۆرە، سادىق مەمەتئەزىز خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ئۈچۈن 2023-يىل خوڭكوڭغا، ئارقىدىن قەشقەر قاغىلىق ناھىيەسىگە بارغان. ئۇ يەردە «لى» فامىلىلىك جاسۇس ۋە «ئالىمجان» بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە «ئالىمجان» بىلەن قايتا كۆرۈشكەن؛ ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرى، تۈركىيەدە تونۇلغان سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ تۇرالغۇ جايى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە توپلىغان ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىگەن. ئۇ يەنە خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، تۈركىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان بىلەن يېقىن ئولتۇرۇش ئۈچۈن 2023-يىل 1-ئايدا باشاقشەھەردىن ئۆي ئىزدىگەن. زەيتىنبۇرنۇدا ناۋايلىق قىلىۋاتقان ئابدۇللانى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا سالغان. ئۇ يۇقىرىقى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن خىتايدىن جەمئىي 22 مىڭ دوللار پۇل ئالغان.
گۇماندارلاردىن ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى، «ئالىمجان» دىن ئالغان پۇلنى سادىق مەمەتئەزىزگە يەتكۈزۈپ بېرىشتە ۋاسىتىچىلىك قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، گۇماندارلاردىن ھاشىم سابىتئوغلى ئۇمرە ھەج قىلىش باھانىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، خىتايدىن ئالغان پۇلنى «تىجارەت» نامى بىلەن سادىق مەمەتئەزىزگە بەرگەن. گۇماندارلاردىن ئابدۇللا ناسىر بۇرسادىكى بىر مېھمانخانىدا «شۆ گاڭجۇڭ» ئىسىملىك بىر خىتاي جاسۇسى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن.
نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈپ دەلىللەش باسقۇچىدا ئىكەن.