خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيىسى جازالانغان سابىق ئەمەلدارلارغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىم قويۇشنى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.10.18

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەققىدىكى يېڭى بىر تېلېۋىزىيە ھۆججەتلىك پروگراممىسىنى باشلىغان.

ب ب س تېلېۋىزىيىسى ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان سابىق كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتىنى ئىقرار قىلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ پۇشايمىنىنى ئىزھار قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش ھەم مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

بۇ فىلىمنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىرلىكتە ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر كومىتېت فىلىم ھەققىدىكى باياناتىدا، «ھەر دائىم يولدا» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىم دۈشەنبە كۈنى قويۇلغاندىن بۇيان ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىقلا مىليونلارچە ئادەمنىڭ كۆرگەنلىكىنى، پروگراممىنىڭ زور قىزىقىش قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا بەي ئېنپەي، جوۋ بېنشۈن، لى چۈنچېڭ قاتارلىق سابىق كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئورۇن ئالغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تېلېۋىزىيىگە چىقىپ ئىقرار قىلغانلىقى ياكى مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان.

چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا خىتايدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە قوللىنىلغان ئامما ئالدىدا گۇناھىنى بوينىغا ئېلىش قىلمىشىنىڭ شى جىنپىڭ مەزگىلىدە قايتا تىرىلگەنلىكىنى مىسال ئېلىپ، بۇنى شى جىنپىڭنىڭ دىكتاتورىلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.