ئامېرىكا خىتاي ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا قونۇشى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى
2016.01.08
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىغا قونۇشى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىدۇ» دېدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتىر كۇك پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ 3 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتېل تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىرىگە قونغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا بارلىق ھەرىكەتلەرنى خىتاينىڭ ئېلىپ بارغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دەپ كۆرسەتتى.
پېتىر كۇك بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق دۆلەتنىڭ تالاش-تارتىشتىكى ئاراللاردا ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكىتى، ئۇ ئاراللارنى ھەربىيلەشتۈرۈش ياكى ئۆزىنىڭ قىلىپ كۆرسىتىش ھەرىكىتى جەنۇبىي دېڭىزدا مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قارايمىز.»
خىتاي يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ شەنبە كۈنى سپراتېل تاقىم ئاراللىرىنىڭ فېرىي كروس ئارىلىغا قونۇشى دەرھال ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ۋىيېتنام خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا رەسمىي دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈرگەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتىر كۇك يەنە: «بىز جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرىمىز. ھالبۇكى،) ئۇ ئاراللارغا( ئايروپىلاننىڭ قونۇشى مۇقىملىق ۋە بۇ رايوندىكى ئۆز -ئارا چۈشىنىشكە پايدىسىز» دېدى.









