خىتاي ئامېرىكىنى دېڭىز زوراۋانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى
2016.02.01
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ USS Curtis Wilbur ناملىق بىر ئۇرۇشچى پاراخوتى شەنبە كۈنى خىتاينىڭ تالاش - تارتىشتىكى جەنۇبى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنى دېڭىز زورۋانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئامېرىكىنىڭ يىللاردىن بېرى چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان ساياھەت ئەركىنلىكى تەشەببۇسى ۋە بۇ جەھەتتىكى قەدەملىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي باياناتچى «ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلغىنى مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىگە تۇتاش دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىكى ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، بۇ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان سالدى» دېگەن.
ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئۇرۇشچى پاراخوتى بېسىپ ئۆتكەن پاراسېل ئارىلى خىتاي بىلەن تەيۋەن، ۋېيتنام، مالايشىيا، برونىي ۋە فىللىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئاراىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تالىشىلىۋاتقان جەنۇبى دېڭىز تەۋەلىكىدۇر. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىمۇ مەزكۇر تەۋەلىكتە Lassen ئۇرۇشچى پاراخوتىنى ئىشقا سېلىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن، خىتاي شۇ چاغدىمۇ نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغان ئىدى.









