خىتاينىڭ دەتالاشتىكى جەنۇبىي دېڭىز ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.02.17

ئامېرىكا ۋە تەيۋەن مۇداپىئە دائىرىلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى دەتالاشتا تۇرۇۋاتقان ئارالغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېنېرال داۋىد لونىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى پاراسېل تاقىم ئاراللىرىدىكى ۋۇدىي ئارىلىغا يەرلەشتۈرۈلگەن. 40 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئارالدا تەيۋەن ۋە ۋېيتناممۇ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

مەزكۇر خەۋەر ئالدى بىلەن ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەمەلدارمۇ بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن. بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ خەۋەرنىڭ «مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن بۇ ئاراللاردا قۇرغان چەكلىك دائىرىدىكى ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك ھەربىي ئەسلىھەلىرى سوراق قىلىنماسلىقى كېرەك، دېگەن.

ئەمما ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئادىمېرال ھاررىي ھاررىس بۇ ھەقتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن : «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ رايوننى ھەربىيلەشتۈرمەسلىك ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ، بۇ بىر جىددىي مەسىلە». ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئەركىن ساياھەتكە ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دېڭىز سەپەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.