ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.02


سەيشەنبە كۈنى كالىفورنىيەدە سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئۇ، كالىفورنىيە ئورتاق گەۋدە كۇلۇبىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي جەنۇبىي دېڭىزىنى ھەربىيلەشتۈرۈشنى قوغلاشماسلىقى كېرەك. مۇئەييەن ھەرىكەتلەر، مۇئەييەن ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.»

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سپراتېل ئاراللىرى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم ئاراللارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رادار سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كارتېر يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ مۇئەييەن ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشىدا شەك يوق. بىزنىڭ بۇ ساھەلەرگە ئائىت پىلانلىرىمىز تەل. بۇلارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.»

«مۇئەييەن ئاقىۋەتلەر» ھەققىدە توختالغان كارتېر ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئەسكەر يۆتكەشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، 2020 - يىلىغىچە مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش ۋە تەربىيەلەش ئىشلىرىغا 425 مىليون دوللار ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى خىتاينىڭ پاراسېل تاقىم ئاراللىرىدىكى ۋۇدىي ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، خىتايچە «خۋاياڭ مارجان خادا تاشلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان كۋارتېرون مارجان ئارىلىغا رادار ئورناتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئامېرىكا ئەينى چاغدا خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.