خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايغا تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما ئامېرىكا مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلىگەن ۋە «بەزى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزدا ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇلارغا بۇ رايوندا خالىغىنىنى قىلىش ھوقۇقى بەرمەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكىنى ئىما قىلدى.
بىراق، بۈگۈن ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال لورى روبىنسون خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رادار سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ خەلقئاراغا ئورتاق بۇ جايلاردىكى كۈندىلىك ئۇچۇشلىرىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لورى روبىنسون سۆزى داۋامىدا يەنە، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتاي ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان رايونلاردا ئەركىن ئۇچۇش، ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق قىلمايدىكەن، بۇ ھوقۇقىدىن تامامەن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
يېقىندا، خىتاينىڭ سپراتېل تاقىم ئاراللىرىدىكى ۋۇدى ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، خىتايچە «خۋاياڭ مارجان خادا تاشلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان كۋارتېرون مارجان ئارىلىغا رادار سىستېمىسى ئورناتقانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى نارازى قىلغان. ئامېرىكا خىتاينىڭ رايوننى «ھەربىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
بىراق ۋاڭ يى بۈگۈنكى سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇ يەردىكى ھەربىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ «ئۆزىنى قوغداش» خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنى مۇشتۇمزورلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
