خىتاي جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا قارىتىلغان نارازىلىقنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.04.03


ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا شەكىللەندۈرمەكچى بولغان ھاۋا بوشلۇقى قوغدىنىش رايونىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكىغا قارىتىلغان نارازىلىقنى ئۇلغايتقان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقىلارنى بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، فىلىپپىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن ئىگىلەش قىلمىشىغا قارىشى خەلقئارا سوتقا سۇنغان ئەرزنىڭ ھۆكۈمى يېقىن كەلگۈسىدە چىقىدىغان بولۇپ، سوت ھۆكۈمى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىمۇ ھاپىلا - شاپىلا ھاۋا بوشلۇقى قوغدىنىش رايونى ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت ۋورك خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا شۇنداق ھەرىكەتلەردە بولۇشى رايون ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە پىكرى بايان قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي جەنۇبىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە قوغدىنىش رايونى بەرپا قىلىشنىڭ زېمىن دەتالىشى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقنى بىلدۈرگەن.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزىنىڭ، دەپ قاراپ يېقىندىن بۇيان دېڭىزىدىكى بىر قىسىم مارجان خادا تاشلارغا سۈنئىي ئاراللارنى ياساشقا باشلىغان، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى مەزكۇر دېڭىزغا چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن ۋە خىتاينى رايوندا ئەسلىدە مەۋجۇت سىستېمىنى ئۆزگەرتمەسلىككە ھەمدە دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىرغان.

خىتاي 2013 - يىلى نويابىردا شەرقىي دېڭىزىدا بىر ھاۋا بوشلۇقى قوغدىنىش رايونى ئېلان قىلغان ۋە بۇ رايوندىن ئۆتكەن چەتئەل ئايروپىلانلىرىنى ئالدى بىلەن خىتاي تەرەپكە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر رايون ئەينى چاغدا ياپونىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.