ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنى كۆزدىن كەچۈردى
2016.04.15
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر 15-ئاپرېل جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى - جون ستەنىسنى كۆزدىن كەچۈردى. فىلىپپىن مۇداپىئە مىنىستىرى ۋولتېر گازمىن، بۇ خىتايغا، ئامېرىكا ھەربىي كۈچى ئۇنىڭ رايوندىكى ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقدىشى- فىلىپپىننىڭ يېنىدا، دېگەن سىگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كارتېر جون ستەنسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشتىن بۇرۇن، فىلىپپىننىڭ بالاۋان ئارىلىدىكى ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىن بىلەن رايوندا بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ بېرىشى، خىتاينىڭ «دېڭىزنى تىندۇرۇپ ئارال ياساش» ھەرىكىتى ۋە رايوننى ھەربىيلەشتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دېگەن.
ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ توقۇنۇش پەيدا قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ نىشانى رايوندا تىنچلىقنى قوغداپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىختىلاپنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
لېكىن كارتېرنىڭ زىيارىتى دەرھال خىتاينىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى لۇ كاڭ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئۇ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە سودا، ئاممىۋى، ھەربىي قاتناش جەھەتتىكى بىخەتەرلىك، ئەركىنلىك ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتى» دەپ تەنقىدلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ بەزى رايونلاردا دېڭىزنى تىندۇرۇپ، سۈنئىي ئارال ياسىشى، ئۇ ئاراللارغا ئايروپىلان ئۇچۇش يولى قۇرۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى قاتتىق بىئارام قىلغان.









