خىتاي جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە فىلىپپىن بىلەن بولغان ئىختىلاپلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8- ئىيۇن چارشەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە فىلىپپىن بىلەن بولغان ئىختىلاپلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

«فىلىپپىن بىلەن جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» سەرلەۋھىلىك باياناتتا، جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدە فىلىپپىن بىلەن بولۇۋاتقان ئىختىلاپلارنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىككى دۆلەتنىڭ پىكىر ئورتاقلىقى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، فىلىپپىننىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ سۆھبەتكە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى، ئەينى چاغدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كەلگەن كېلىشىمگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتاينىڭ باياناتىدا يەنە، فىلىپپىننىڭ تەشەببۇسى تەنقىدلىنىپ، «فىلىپپىننىڭ بۇ تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئەھدىنامىسىگە ماس كەلمەيدۇ، جۇڭگو يەنىلا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىش تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە مەزكۇر رايوندىكى فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان تالاش-تارتىشى ۋە ئىختىلاپى بۇلتۇردىن بۇيان كۈچەيگەن. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئارال ياساش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدى.