خەلقئارا سوت «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار تارىخى مەنبەلەردە قانۇنىي ھەققى يوق» دەپ ھۆكۈم چىقاردى

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلغاندىن كېيىن، 12-ئىيۇل كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار تارىخى مەنبەلەردە قانۇنىي ھەققى يوق» دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق باياناتى بېرىپ، خەلقئارا سوتنىڭ فىلىپپىننىڭ ئەرزىگە ئاساسەن چىقارغان قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى دونالد تۇسىك خىتاينى خەلقئارا سىستېمىسىنى ھۆرمەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، خىتاينىڭ «پرىنسىپنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق تەرتىپنى قوغدىشى» نى تەكىتلىدى.

خەلقئارا تاراتقۇلاردىن، رويتېرس، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى قوشنىلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارىماستىن، ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ 2012-يىلدىن كېيىن خىتاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغانلىقى،بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنى، مالايشىيا، قاتارلىق قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي 1940-يىللىرى سىزىلغان بىر خەرىتىنى ئاساس قىلىپ، بۇ دېڭىزغا تۇنجى ئىگە بولغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي بېلىقچىلارنىڭمۇ قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بېرى بۇ رايوندا بېلىق تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينى خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلغان فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بولسا، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا سۈنئىي ئاراللارنى ياسىشى خەلقئارا قانۇننى ئاياق-ئاستى قىلغانلىق دەپ جاكارلاپ، مەركىزىي ئىشخانىسى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.