گائاگادىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن ئىگىلەش ھەرىكىتىنى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى ۋە بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باش شتابى گوللاندىيەنىڭ گائاگا (دەنخاگ) شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن دەتالىشى ئۈستىدىن ئاچقان سوتتا فىلىپپىن ئۇتقان، سوت خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىزدا تارىخىي ھوقۇقىنى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇنىي ئاساس يوق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.
ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى يەنە مەزكۇر دېڭىدا تارىخىي ھەققى بارلىقىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن تيەنكەي سەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا ھۆكۈمنىڭ رايوندىكى توقۇنۇشنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي مەركىزىي پارتكومىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «خەلق گېزىتى» چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا ھازىر ئىكەنلىكنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ليۇ جىمىن چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا «جەنۇبىي دېڭىزنى ئۇرۇش بۆشۈكى» گە ئايلاندۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
خىتاي دائىرىلىرى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكنى، بۇنىڭدا قانۇنىي ئىسپاتلار بارلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ، مەزكۇر دېڭىزغا چېگرىلىنىدىغان مالايشىيا، فىلىپپىن، ۋىيېتنام ۋە بىرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتاي فىلىپپىننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي فىلىپپىنمۇ ئۆزىگە تەۋە، دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تاقىم ئاراللاردا تەكشۈرۈش باشلىغاندىن كېيىن، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى 2013-يىلى خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنغان.
خىتاي سوتنى بايقۇت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، سوت سەيشەنبە كۈنى ئاخىرقى قارارىنى چىقارغان ۋە خىتاينىڭ دېڭىزدىكى زېمىن ئىگىلەش ھەرىكەتلەرنى قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
