ياپونىيە 2016 -يىللىق «دۆلەت مۇداپىئەسى ئاقتاشلىق كىتابى» دا خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلىدى
2016.08.02
ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى 2-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى 2016-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ئاقتاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلدى.
ياپونىيە ۋاقتى گېزىتى ۋە ۋال سترېت ژۇرنىلىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 484 بەتلىك ئاقتاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزلاردىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىگە قارىتا ياپونىيەنىڭ ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سۈنئىي ئارال ياساش ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئەيىبلەنگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاقتاشلىق كىتابىدا يەنە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى خەلقئارا ۋە رايوندىكى زور تەھدىت دېيىلگەن.
ئاقتاشلىق كىتابتا نۆۋەتتە ياپونىيە ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلىغا خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ يېقىنلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا، ياپونىيەنىڭ جەمئىي 571 قېتىم ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلىشىشىنى توسۇۋالغانلىقى ۋە خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى قاتارلىقلار نەقىل ئېلىنغان.
ئاقتاشلىق كىتابتا، خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتىشى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ دېڭىز رايونىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ رايوندىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا پايدىسىز ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. خىتاينىڭ دېڭىز -ئوكيان ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ مەزكۇر رايوندا خەتەرلىك ۋە مۆلچەرلىگۈسىز ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بۇنىڭ مەزكۇر دېڭىز رايونىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى 12-ئىيۇل كۈنى گوللاندىيەدىكى خەلقئارا سوت تەرىپىدىن چىقىرىلغان جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدىكى ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى قاتارلىق تاراتقۇلار ياپونىيە ئېلان قىلغان ئاقتاشلىق كىتابتىكى ئەيىبلەشلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە «ياپونىيەنىڭ ئاقتاشلىق كىتابى جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.









