ۋىيېتنامنىڭ تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە راكېتا يۆتكىگەنلىكى مەلۇم

ۋىيېتنامنىڭ تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە ھەربىي راكېتا ئېتىش سىستېمىسىنى يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما ۋىيېتنام دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىيېتنام يېقىندىن بۇيان ئۆزىگە تەۋە بىر نەچچە ئارالغا خىتاي ياسىغان سۈنئىي ئاراللارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەرىكەتچان راكېتا ئېتىش سىستېمىلىرىنى يۆتكىگەن.

خەۋەردە، غەرب دىپلوماتلىرى ۋە ھەربىي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ۋىيېتنام بۇ قوراللارنى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان سپراتېل ئارىلى تەۋەسىدىكى بەش ئارالغا بىراقلا ئورۇنلاشتۇرغان. خەۋەردە بۇنىڭ ۋىيېتنامنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ھاۋادىن كۆزىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قۇللار تېخى ئوقلانمىغان بولۇپ، بەلكىم ئالدىمىزدىكى ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە رەسمىي ئىشلەتكۈدەك بولىدىكەن.

ھالبۇكى، ۋىيېتنام دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال نگۇيېن چىۋىھ بۇ ئۇچۇرلارنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋىيېتنامنىڭ ئۆزىگە تەۋە ھەرقانداق رايونغا ھەربىي قوللارنى يۆتكەش ھوقۇقى بارلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە رويتېرسقا فاكس ئارقىلىق يوللىغان باياناتىدا خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىدە «مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھوقۇقى بارلىقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سپراتېل ئاراللىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىشى ۋە ھەربىي قوراللارنى يۆتكىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا ئامېرىكا دائىرىلىرىمۇ ئارالنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر خادىم تەرەپلەرنى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي دائىرىلىرى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىنى ئۆزىنىڭ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆتكەنكى يىللاردىن بۇيان دېڭىزنىڭ سپراتېل ۋە پاراسېل ئاراللىرى تەۋەسىگە بىر نەچچە سۈنئىي ئاراللارنى ياساشقا باشلىغان.

ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، بىرۇنېي ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

كېيىن خىتاينىڭ مەزكۇر ئارالنىڭ ۋۇدي تاقىم ئاراللىرى تەۋەسىدىكى سۈنئىي ئاراللارغا رادار ۋە بىر قىسىم ھەربىي قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتاينى مەزكۇر دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىرغان.

ئۆتكەن ئايدا خەلقئارالىق سوت فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىدە خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى ئۇستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىزدا تارىخىي ھەققى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.