ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئۆزىگە تەۋە ئاراللارنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.08.16

16-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنىدىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە، ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوكو ۋىدودونىڭ بايانات بېرىپ «ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئۆزىگە تەۋە ئاراللارنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، «ھىندونېزىيە پرېزىدېنتىنىڭ باياناتىدا ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ناتۇنا، ئاتامبۇئا ئاراللىرى ۋە بۇ ئاراللار جايلاشقان دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە مەزكۇر ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئىلگىرى خىتاي بىلەن ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش، ھەتتا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنلىكى» ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە مەزكۇر رايوندىكى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئۆزىگە تەۋە دەپ ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىدىكى پائالىيىتىنى كۈچەيتىشى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، برونې قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، جەنۇبىي دېڭىز رايونى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. فىلىپپىننىڭ ئەرز قىلىشى سەۋەبلىك بۇ يىل 12-ئىيۇل گوللاندىيەدىكى خەلقئارا سوت ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا تارىخى ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى ھەققىدە ئىسپاتلارنىڭ يوقلۇقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مارجان خادا تاشلارنى تىندۇرۇپ سۈنئىي ئارال ياساش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما جەنۇبىي دېڭىزدىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى مەزكۇر قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى خەلقئارا سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.