ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي چارلاشنى كۈچەيتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.09.16

ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە چارلاشنى يولغا قويۇش، ئىككى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر پىلاننى ياپونىيە ئايال دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تومومى ئىنادا پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» دە نۇتۇق سۆزلىگەندە ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە نىسبەتەن ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن ئورتاق ئەندىشە تۇيماقتىكەن.

ئىنادا، «ياپونىيە ئۆزىنىڭ ئۈلۈشى بويىچە پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيىتىنى كۈچەيتىدۇ. مەسىلەن، دېڭىز قوغدىنىش قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە مەشىق پاراخوتلىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ۋە شۇنداقلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىككى ياكى كۆپ تەرەپلىمىلىك مانېۋىرلارنى ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، تومومى ئىنادا، ئەگەر دۇنيا خەلقئارا قانۇن، قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا كۆز يۇمسا، «قانۇن قائىدىلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىش» قا يول قويسا، ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارا سوت بۇ يىل 7‏-ئايدا ھۆكۈم چىقىرىپ، خىتاينىڭ پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ۋە تارىخىي ئاساسى يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما خىتاي خەلقئارا سوتنىڭ قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى جۈمە كۈنى ئىنادانىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيىتىنى كېڭەيتىشكە دائىر قارارىنى قارشى ئالىدۇ. بىز ئامېرىكا-ياپونىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش يوللىرىنى داۋاملىق ئىزدەيمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.