ھىندونېزىيە دەتالاشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر قىلىدىكەن
2016.10.04
سەيشەنبە كۈنى، ھىندونېزىيە ھاۋا ئارمىيىسى بۇ ھەپتە ئىچىدە تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا زور كۆلەملىك مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندونېزىيە ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قىلىدىغان بۇ مانېۋىر ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ مانېۋىرى بولۇپ قالىدىكەن.
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گەرچە ھىندونېزىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى ناتۇنا ئاراللىرى خىتاي ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جايلار ئىچىدە بولمىسىمۇ، ئەمما ناتۇنا ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ تەۋەسى خىتاي سىزىۋالغان چېگرا سىزىقلىرى ئىچىدە ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ يېقىندا «ھىندونېزىيە-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى بىر بىرىگە زىت»، دېگەن سۆزنى قىلىپ، ھىندونېزىيەنى چىشىغا تەگكەن ئىكەن.
بۇنىڭ بىلەن، ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو بۇ يىل ئىيۇندا رايوندىكى بېلىقچىلىق، نېفىت قىدىرىش ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قاتار پىلانلارنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. سەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى مانېۋىر ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندە «بىز بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنى نامايان قىلماقچى. بىزنى ‹ۋاز كەچتۈرگۈچى كۈچ› قىلىپ تۇرۇشقا يېتەرلىك دەرىجىدە ھاۋا قۇۋۋەتلىرىمىز بار» دېگەن.
ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدىغان بۇ نامايىشقا 2000 دىن ئوشۇق ھەربىي خادىم ۋە كۆپ ساندىكى ھەربىي پاراخوت ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار قاتناشتۇرۇلىدىكەن.









