خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشتىكى سۈنئىي ئاراللاردا چوڭ كۆلەملىك بىر قانچە ھەربىي مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرغان. ئاسىيادىكى دېڭىز ئوكيان ئىشلىرىنى كۆزىتىدىغان بىر ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سۈنئىي ھەمرا رەسىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سېپراتىل تاقىم ئاراللىرىغا قاراشلىق 7 سۈنئىي ئارالنىڭ ھەممىسىدە ھەربىي ئىستىھكاملارنى قۇرۇپ، نۇرغۇن چوڭ تىپلىق زەمبىرەك ۋە كىچىك كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇ يىل 7-ئايدىن بېرى، سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق بۇ ئاراللاردىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى رازۋېتكا قىلىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر تەتقىقات ئورنى بۇ ئەھۋالنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىدى.
مەزكۇر ئورگان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ بۇ ئاراللاردا ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى ۋە مۇداپىئە تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۆزىنىڭ بۇ ئاراللاردىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا، ئاخىرقى مۇداپىئە سېپى قىلىپ قوللىنىشى مۇمكىن.
مەزكۇر ئورگان بۇ يىل 6 ۋە 7-ئايلاردىن باشلاپ، بۇ خىل ھەربىي مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ فېرىي كروس، مىسچېف، سۇبى قاتارلىق سۈنئىي ئاراللاردا بايقالغانلىقىنى، ھازىر بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ گاۋېن، ھۇگېس، جونسون، كۇئارتېرون سۈنئىي ئاراللىرىدا قۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ فېرىي كروس، سۇبى، مىسچېف خادا تاش ئاراللىرىنى تىندۇرۇپ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش يوللىرىنى ياسىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۇ ئەسلىھەلەرنى مۇداپىئە خاراكتېرلىك دېسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا زەمبىرەك ۋە يېقىن مۇساپىلىق قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كەلگۈسى توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.