ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.28

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.

بۇ چاقىرىقنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى رەندىي شرايۋېر «ئاۋسترالىيە» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن.

رەندىي شرايۋېر «مېنىڭچە خىتايغا تېخىمۇ يوشۇرۇن بېسىم پەيدا قىلىشنىڭ يولى شېرىكلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بۇ رايوندىكى بىرلەشمە ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشىدۇر. . . . ئۇلار دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداش مەشغۇلاتلىرىغا قاتنىشالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرلەشمە چارلاش ۋە ئورتاق ھەرىكەتكە تەييار تۇرۇشىدۇر» دېگەن.

خىتاينىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، يەرلىك سىياسەتچىلەرگە پۇل ئىئانە قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

رەندىي شرايۋېر «ئاۋسترالىيە» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئەركىن دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ھەرىكىتى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى زېمىن تەلىپى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە خىرىس قىلىپ، بەزىدە ئىككى تەرەپ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئۆز ئارا تىركىشىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ كەلدى.

بۇ يىل 8‏-ئايدا خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتى سىپراتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا ئامېرىكىنىڭ «دېكوتېر» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىغا سوقۇلۇپ كېتىشكە تاسلا قالغان ئىدى.

رەندىي شرايۋېر «ئاۋسترالىيە» گېزىتىگە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي پائالىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، چۈنكى ئۇلار «جەنۇبىي دېڭىزدا خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆلچەملەرگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ يەر شارى تەسىرىنى تونۇپ يەتمەكتە» دېگەن.

ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە يېقىندىن بېرى خىتايغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى كۈچەيتكەن. ھەر ئىككى دۆلەت خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتىنىڭ 5G ئىنتېرنېت قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.