جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى كورېيەنىڭ جەنۇبىدىكى سېئۇڭجۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا جايلاشتۇرۇلىدىكەن.
شىمالىي كورېيە بۇ يىل يانۋاردا يەنە بىر قېتىم يادۇر بومبىسىنى سىناق قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى جەنۇبىي كورېيەگە ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى -«يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئەسى تېرمىنالىنى» (THAAD) ئورنىتىش پىلانى ئۈستىدە سۆھبەت باشلىغان ئىدى.
8-ئىيۇل ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورېيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
يۇقىرىقى قارار جاكارلانغاندىن كېيىن خىتاي بۇنىڭغا دەرھال ئېتىرازلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكىنى مەزكۇر «يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئەسى تېرمىنالى» نى ئورۇنلاشتۇرۇشنى توختىتىشقا ۋە رايون ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۇرمەسلىككە چاقىرغان.
ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانى ئەزەلدىن خىتاي ۋە رۇسىيە نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
بۇ يىل مارتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا: «جەنۇبىي كورېيەگە بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېگەن.
لاۋروۋمۇ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قىسقا ۋە ئورتا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، 2017-يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
