جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتى پرېزىدېنت پاك گيۇنخۇينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى ماقۇللىدى

جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتى جۈمە كۈنى ئاۋاز بېرىپ، پرېزىدېنت پاك گيۇنخۇينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى ماقۇللىدى. قارار لايىھەسىگە 234 پارلامېنت ئەزاسى قوللاپ، 56 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قارشى ئاۋاز بەرگەن. ئىككى كىشى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.

پاك گيۇنخۇي 9‏-دېكابىر كورېيە ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن توختىتىلىپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى باش مىنىستىر خۋاڭ كيو ئان ئۆتكۈزۈۋالغان. پاك گيۇنخۇي بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ھۆكۈمەت كابېنت ئەزالىرىنى پرېزىدېنتلىق سارىيىدا يىغىنغا چاقىرغان. ئۇ يىغىندا پارلامېنت ۋە خەلقنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك دۆلەتنىڭ قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكىنى ھەم ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. جەنۇبىي كورېيە ئاساسىي قانۇنى بويىچە كورېيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى پارلامېنتنىڭ پاك گيۇنخۇينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى 180 كۈن ئىچىدە كۆرۈپ چىقىپ، ئاخىرقى ھۆكۈمىنى بېرىدۇ.

پاك گيۇنخۇي بىر پالچى ئايالنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ، پالچى ئايالنىڭ سۇيىئىستېمال ۋە پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا يان تاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. جەنۇبىي كورېيە ئاساسىي قانۇنى بويىچە پاك گيۇنخۇي ۋەزىپىسىدىن توختىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئېلان قىلىنغۇچە داۋاملىق پرېزىدېنتلىق سارىيىدا تۇرىدۇ ۋە بەزى ئىمتىيازلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ.