ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە ئىلغار تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە دەرھال مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، شىمالىي كورېيە يەكشەنبە كۈنى ئۇزۇن مەنزىللىك راكېتا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيەگە ئىلغار تىپتىكى يۇقىرى چاستوتىلىق تېرمىنال باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىمالىي كورېيە يەكشەنبە كۈنى ئۇزۇن مەنزىللىك راكېتا قويۇپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. شىمالىي كورېيە راكېتا سىنىقىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە تىنچلىق مەقسىتى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنىڭ ھەرىكىتى «خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئېنىق تەھدىت» دېگەن. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال ئەگەر پيۇڭياڭ راكېتا قويۇپ بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېغىر تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتىر كۇك دۈشەنبە كۈنى «بىزنىڭ بۇ پوزىتسىيەمىز ھازىرقى بۇ خىرىس ۋە بىزنىڭ ۋەزىپىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بىراق ئىلغار تىپتىكى يۇقىرى چاستوتىلىق تېرمىنال باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى پەقەتلا بىزنىڭ پوزىتسىيەمىزنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز يەنە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ئەندىشىنى يېنىكلىتىمىز» دېگەن.
يۇقىرى چاستوتىلىق تېرمىنال باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا مەنزىللىك بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ياسالغان.
