قوماندان ھاررىي ھاررىس ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال ھاررىي ھاررىس ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-25 -
-
-
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال ھاررىي ھاررىس ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسى قوراللىق قىسىملار كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھاۋا ۋە سۇ تەۋەلىكىدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يەردە تېخىمۇ مۇرەككەپ مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھاررىي ھاررىس خىتاينىڭ ھازىر شەرقىي ئاسىيادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن رايونغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رادار يۆتكىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە «بىزمۇ رايونغا يەنە بىر قېتىم سۇ ئاستى كېمىسى ئەۋەتىشىمىز ۋە بىر ئۇرۇش پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن» دېگەن.
ھاررىي ھاررىسنىڭ بۇ سۆزلىرى دەل خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىگە توغرا كەلدى. ئاقساراينىڭ باياناتىدىن قارىغاندا، ھازىر ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇسان رايىس بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. سۇسان رايس ئۇچرىشىشتا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوچۇقلۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 25-فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيە مەركىزىدە قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى ئارالغا رادار قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاش بىلەن جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئاراللاردا ئەسلىھەلەرنى قۇرغانلىقىنى، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ پەقەت خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىلا خەۋەر قىلىش ئوبەتى قىلىۋالماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.