ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورېيەگە «يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە تېرمىنالى» (THAAD) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ھاۋا مۇداپىئە قالقىنى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ۋېنسېنت برۇكس، «شىمالىي كورېيەنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان يادرو ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار كۈچى ئىتتىپاقداشلارنى قوغدىنىش خاراكتېرلىك تەدبىر ئېلىپ، بىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەيىمىزنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر قىلدى» دېگەن.
ئەمما بۇ قارار دەرھال خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ پىلان رايوننىڭ بىخەتەرلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنى ‹يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە تېرمىنالى› ئورۇنلاشتۇرۇشنى توختىتىپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەسلىككە، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا چاقىرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە تېرمىنالى» نىڭ كونكرېت ئورنى مۇشۇ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە بېكىتىلىدىكەن. مەزكۇر جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە ئەمەلدارى يەنە، بۇ سىستېما 2017-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا رەسمىي خىزمەتكە كىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
