جەنۇبىي سۇداندا ئۆلگەن ئىككى خىتاي ئەسكىرىنىڭ خىتاي تەمىنلىگەن قورالدا ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2016.11.16
خىتاي 4 ئاينىڭ ئالدىدا جەسەتلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ۋە دۆلەت مىقياسىدا داغدۇغىلىق دەپنە قىلغان لى لېي قاتارلىق ئىككى نەپەر تىنچلىق ساقلاش ئەسكىرىنىڭ خىتاي تەرەپ ئافرىقىدىكى قوراللىق كۈچلەرگە تەمىنلەۋاتقان قوراللاردا ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ۋال سترېت ژۇرنىلىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جەنۇبىي سۇداندا «ئىيۇل ئىسيان» يۈز بەرگەن چاغدا خىتاي ئەسكەرلىرى ئولتۇرغان برونېۋىكنى قارشى كۈچلەر گراناتئاتار بىلەن پاچاقلاپ تاشلىغان. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئالاقىدار تەكشۈرۈشلىرى داۋامىدا، بۇ گراناتئاتارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشلەنگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
ب د ت نىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا خىتاي ب د ت ئەلچىسى «قورالنى كىم ئىشلەپچىقارغانلىقى ئەمەس، كىمنىڭ ئىشلەتكەنلىكى تەكشۈرۈلۈشى كېرەك» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ۋال سترېتنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، جەنۇبىي سۇداندا ئىسيان كۆتۈرۈلگەندە خىتاي تىنچلىق ساقلاش ئەسكەرلىرىنىڭ تەجرىبىسىزلىكتىن 3 قېتىم بوشاڭلىق قىلىپ ئۆزىنى قوغدىيالمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاخباراتى ئۆز ئەسكەرلىرى ئۆلگەندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆپلەپ خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاجىزلىقى ئاشكارىلانغان ئىسياننىڭ دەسلەپكى 3 كۈنى ھەققىدە ھېچقانداق كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتمىغان.









