ئۇيغۇرلار جەنۋەدە نامايىش قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپادىكى ھەر قايسىي دۆلەتلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر نامايىشچى، لاگېر شاھىتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى 13-ماي ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسى ئالدىدا ئاخبارات يىغىنى ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا چاقىرىق قىلغان.

چاقىرىقتا مىشېل باچېلېتنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ ئۆتكەن يىلى تەييارلاپ ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلمىغان «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلىشى، ئۇنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارىدىغان شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدە لاگېرلارنى تەكشۈرۈشى، شۇنداقلا زىيارەتتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پىلانلىشى، ياۋروپادىكى ھەر قايسىي ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئاخبارات يىغىنى ۋە نامايىشتا تەشكىلات ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، لاگېر شاھىتلىرى سۆزگە چىققان، شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسىغا خەت تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشىغا دائىر تەلەپلىرىنى بىلدۈرگەن. نامايىشتا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق سۆزگە چىقىپ، باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندا لاگېرلارنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «باچېلېت خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بېرىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان شۇ دوكلاتنى ئ‍ېلان قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز» ھەم «شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندا خىتاينىڭ تەييارلاپ قويغان سەھنىسى، خىتاينىڭ كۆرسەتكەن جايلىرىنى ئەمەس، بەلكى لاگېر شاھىتلىرى ياتقان ھەم شۇ جايدا كۆرۈشكە تېگىشلىك يەرلەرنى كۆرۈشىنى ېۋە زىيارەت قىلىشىنى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېچىشىنى ئ‍ۈمىد قىلىمىز.»

ئۆتكەن ھەپتە دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق تەشكىلات چاقىرىق ئېلان قىلىپ، باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ئەڭ ئەقەللىي شەرتلەرنى ھازىرلىمىغانلىقى تۈپەيلى كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان. 13-ماي جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۆلەملىك بۇ نامايىش ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىگە كۆلەڭگۈ چۈشكەن بىر شارائىتتا ئ‍ۆتكۈزۈلگەن.