جەنۋەدىكى يىغىندا خىتايدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى
2013.03.07
جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان خەلقئارا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەمكارلىق يىغىنىدا ھەر قايسى تەرەپلەر خىتايدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى جەنۋەدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇنيادا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، تەشەببۇس قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. يىغىندا خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى تور ئابونتلىرىنىڭ سانى كۈنسايىن زورىيىشى خىتاينى ئېلېكترون شىركەتلىرى تالىشىدىغان ئەڭ چوڭ بازارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتايدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى بەرپا قىلىشنى تەقەززا قىلىۋاتقان بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ ھەقتە توختالغاندا «ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى سلاھاتنىڭ مەنبەسى. خىتاي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش، خىتايدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا باغلىق» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلىرى ئۇيۇشمىسى باشلىقى گەرىي شاپىرو سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بۇنى ئۆز دىپلوماتىيىسىدىكى مۇھىم كۈن تەرتىپلەرنىڭ بىرى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.









