ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلھام توختىنى تىلغا ئالدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئامېرىكا ۋەكىللىرى 15-يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكىنىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 18-مارت جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان 25-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، ئامېرىكا ۋەكىللىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكات شۈ جىيۇڭ ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئامېرىكا ۋەكىللىرى سۆزىدە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىشقا، ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى بىكار قىلىشقا، پۇقرالار ۋە مەتبۇئاتلارغا پىكىر ئەركىنلىكى بېرىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى باستۇرۇشىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىنى ئەيىبلىگەن.