جەنۋەدىكى 25-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىنىدا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى.
يىغىنىنىڭ بۈگۈنكى خىتايغا ئائىت قىسمىدا، خەلقئارادىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتلەرگە تەۋە بولمىغان مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا تەھدىت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى قورقۇتۇپ جازالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى يىغىندا يەنە ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەر ۋەكىللىرىمۇ ئۆز بايانلىرىدا ئۇيغۇرلارنى ۋە شۇنداقلا مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئېتنىك رايونلاردىكى سىياسەتلىرىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، بۇ سىياسەتلەرنىڭ رايوندا ھەرخىل ۋەقەلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ۋەكىلى يەنە، ئۇيغۇر مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ۋە موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خادانىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، بۈگۈنكى يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن مۇستەقىل ئورگانلار ئارىسىدا يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ قالغان ساۋ شۈنلى ھەققىدىمۇ بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش بولدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋەكىللىرى يىغىن جەريانىدا ساۋ شۈنلىنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، سۈكۈتتە تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋەكىللىرى ۋە دېموكراتىيە ياقىلىغۇچى دۆلەت ۋەكىللىرى خىتاي ۋەكىللەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي، قوللىرىدا ساۋ شۈنلىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈردى.
