جەنۋەدىكى «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.11.27

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى 27-نويابىر كۈنى جەنۋەدە باشلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە دىققەت تارتىدىغان بۇ مۇھىم سورۇنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر «ب د ت سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار قاتارىدا سۆز ئېلىپ، «كۈنتاختا ۋە توكلۇق ئاپتوموبىلدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى ساھەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى» نى تەنقىد قىلغان. ئۇ سۆزلىگۈچىلەردىن بۇ ساھەدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» ھۆكۈمەتلەر، سودا ساھەسى، جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلار، ئادۋوكاتلار، مەبلەغ سالغۇچىلار، ب د ت ئاپپاراتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىدىغان مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى 27-نويابىردىن 29-نويابىرغىچە داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇش ئۈچۈن سودا ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى ئالاقىدار شەخسلەر بىلەن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.