21 نەپەر ئايال ئامېرىكانىڭ 2021-يىللىق «خەلقئارا جەسۇر ئاياللار مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى
2021.03.08
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8-مارت خەلقارا ئاياللار بايرىمى كۈنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، خىتاي، بېلارۇسىيە، ئىران، تۈركىيە ئافغانىستان، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەردىن 21 نەپەر ئايالنى ئامېرىكىنىڭ 2021-يىللىق «خەلقئارا جەسۇر ئاياللار مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئۆتكەن يىلى مەزكۇر مۇكاپات قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۇل سائۇتبايغا بېرىلگەن. ئۇ خىتاي لاگېرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكەن جەسۇرانە ئىپادىسى تۈپەيلى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى.
بۇ يىل خىتايدىن ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋاڭ يۇ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «نۇرغۇن نازۇك سىياسى دېلولارنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتچىلەر، زىيالىيلار، فالۇنگوڭچىلار، دېھقانلار ۋە ئاياللار-بالىلار ھوقۇقى، دىنىي ھوقۇق، ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار نۇرغۇن دېلولارنىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى قىلغانىكەن».
توردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسمىغا پرېزىدېنت بايدېننىڭ خانىمى جىل بايدېن قاتنىشىپ سوز قىلغان. مۇراسىمغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن رىياسەتچىلىك قىلغان. بلىنكېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا نەزەربەنت ئاستىدا تۇرىۋاتقان ۋاڭ يۇ مۇراسىمغا توردىن بولسىمۇ قاتنىشالمىغان. بلىنكېن، يېقىنقى 2 كۈندىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىللىق «جەسۇر ئايال مۇكاپاتى» غا لايىق كورۇلگەنلەر ئافغانىستاندا جامائەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن 7 نەپەر ئافغان ئايالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.