جەۋھەر ئىلھام «خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىك-بىر قىز پەرزەنتنىڭ گۇۋاھلىقى» سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى
2020.01.16
16-يانۋار ئامېرىكانىڭ «دۆلەتلىك دىنى ئەركىنلىك كۈنى». بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «ئائىلە تەتقىقات مۇنبىرى» ناملىق ئورگان مەخسۇس ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زۇلۇم ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.
«خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىك-بىر قىز پەرزەنتنىڭ گۇۋاھلىقى» نامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ سۆھبەت يىغىنىدا جەۋھەر ئىلھام سۆز قىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا ئالدى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر دىنىي بېسىمنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى، 1-3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق تۇرۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدەك تەپسىلاتلار تونۇشتۇرۇلدى.
ئارقىدىن جەۋھەر ئىلھام دادىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي خىرىسلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسى ئىلھام توختىنى رايوندىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىنى تەقدىرلەش ئورنىغا ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن «ئامېرىكا دۆلەتلىك دىنى ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزاسىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتتا ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، بارلىق كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.









