جەۋھەر ئىلھامنىڭ «چۈنكى مەن قىلىشقا تېگىشلىك: ھايات قېلىش يولى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىققان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.04.29

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئ‍ۆكتىچى زىيالىيسى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى ئىلھام توختىنىڭ قىزى، پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھامنىڭ «چۈنكى مەن قىلىشقا تېگىشلىك: ھايات قېلىش يولى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى» ناملىق 250 بەتلىك يېڭى كىتابى ئامېرىكانىڭ يېڭى ئورلىيان ئۇنىۋېسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. بۇ جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئامېرىكادا ئېلان قىلغان 2-كىتابى. ئۇنىڭ «جەۋھەر ئىلھام: بىر ئۇيغۇرنىڭ داداىسىنى قۇتقۇزۇش كۈرىشى» ناملىق يەنە بىر كىتابىمۇ بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال نەشر قىلىنغان ئىدى.

جەۋھەر ئىلھام «چۈنكى مەن قىلىشقا تېگىشلىك: ھايات قېلىش يولى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى» ناملىق كىتابىدا، ئۆزىنىڭ دادىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى كۈچ ۋە جاسارەتنى قانداق ساقلىغانلىقى، بەزىدە بۇنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن ھېسسىيات جەھەتتىكى زەخمەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يېتەكچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېلىپ كەلگەن يوقىتىشلىرى ھەم ئېرىشكەن جاسارەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جەۋھەر ئىلھام خىتاي جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلار ۋە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «چۈنكى مەن قىلىشقا تېگىشلىك: ھايات قېلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى» ناملىق كىتابىدا، بىر كىشىنىڭ شەخسىي ھېكايىسى ۋە تەھدىت ئاستىدىكى بىر پۈتۈن مىللەت ھەم مەدەنىيەتنىڭ كەچمىشىنى بايان قىلغان.

جەۋھەر ئىلھامنىڭ دادىسى ئىلھام توختى 2013-يىلى 2-ئايدا قىزى بىلەن ئامېرىكاغا ماڭغاندا بېيجىڭ ئايدۇرۇمىدا تۇتقۇن قىلىنغان، كېيىنچە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى شۇ قېتىم جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئامېرىكاغا كېتىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ تاشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.