خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايىتى يوشۇرۇنلۇقتىن ئاشكارىلىققا، ئاشكارىلىقتىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىشكىچە داۋام قىلغان بۇ 4 يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى جىنايەتتىن قولىنى ھېچ تارتىپ باقمىدى، لاگېرلارمۇ تاقالمىدى. خىتاي زاۋۇتلىرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
16-ماي كۈنى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋھەم ئىلھام بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون خانىمنىڭ «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقى بولغاندىلا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرغىلى بولىدۇ» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئەمەلدارلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، كانادا خىتايغا ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن جازا تەدبىرلىرى يولغا قويدى. ‹ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش ئىتتىپاقى› قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشىدىن نەپ ئېلىۋاتقان كارخانىلارغا بېسىم قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا ئېغىر جىنايەت دەپ قارىلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر رايونىدا چوقۇم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛ ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچىدە بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلسا، خىتاي دۆلىتىنىڭ سىرتىدىن ئىسپات توپلىشى كېرەك».
ماقالىدە يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنىڭ تولىمۇ كۆپ ھەم مۇرەككەپ ئىكەنلىكى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىشىپ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇزۇن ھەم رىقابەتكە تولغان بىر جەريان بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.