ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋان نازىرى تۈركىيەگە كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.11.04

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئ‍ۆمىكى 3-نويابىر كۈنى تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ خوڭۋېي باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەككە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن نازىرى پاڭ شىنىڭ داخىل بولۇشى، بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى ۋە كۈنتەرتىپىگە بولغان دىققەتنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، سۇلايمان سويلۇنىڭ پەقەتلا دۇ خوڭۋېينى قوبۇل قىلغانلىقىلا بىلدۈرۈلگەن. ئەمما بۇ زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئائ‍ىت ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. تۈركىيەدىكى تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە پەقەت ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىنىلا ئىشلەتكەن. ھالبۇكى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى ۋە كۈنتەرىپى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇ خوڭۋېي باشچىلىقىدىكى خىتاي زىيارەت ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە پاڭ شىدىن سىرت خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تېرورلىققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ فېيمۇ بار ئىكەن. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۇلايمان سويلۇ بىلەن بولغان بۇ كۆرۈشۈشىگە خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىنمۇ قاتناشقان.

بۇ كۆرۈشۈشكە تۈركىيە تەرەپتىن تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى، دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بۇ دۆلەتتە تېخىمۇ دىققەت قوزغىغىغان. ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۆرۈشۈشكە تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمايىل چاتاكلى، تۈركىيە باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەت شەنگۈلدىن باشقا، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تەرتىپسىز كۆچۈشكە قارشى تۇرۇش ۋە چېگرادىن چىقىرىش ئىشلىرى باش مۇدىرى رامازان سەچىلمىش، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تاشقىي مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سەزەر ئىشىكتاش قاتارلىق ئەمەلدارلارمۇ قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.