خىتاي ژۇرنالىست جيا جيا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.03.21


15 - مارت كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ژۇرنالىست جيا جيانىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستىپاغا چاقىرىپ ماقالە يازغان دېگەن گۇماندا بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.

جيا جيانىڭ ئادۋوكاتى يەن شىن 20 - مارت كۈنى ئۇچۇر بېرىپ، 15 - مارت يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست جيا جيانىڭ پايتەخت ئايرودروم ساقچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن «مەلۇم دېلوغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ژۇرنالىست جيا جيانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان ئوچۇق خەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خىتاي سىياسى كېڭەش قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، ژۇرنالىست جيا جيا خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما گېزىتى» تورىدا، «سادىق كومپارتىيە ئەزالىرى» ئىمزاسىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، پارتىيەنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىك پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا يوللانغان باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى شى جىنپىڭ ئىستىپاغا چاقىرىلغان ئوچۇق خەت دېلوسىغا چېتىشلىق دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار ھازىرغىچە 7 كىشىگە يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.