سابىق خىتاي رەئىسىنىڭ ئىسمى تىزىملىكتە كۆرۈلمىگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.04.25


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن، 18 - ئاپرىل كۈنى كېسەل بىلەن ئۆلگەن سابىق خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى تاۋ سىجۈنىڭ تەزىيە مۇراسىمىغا گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلغان شەخسلەر قاتارىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرقى سىياسىي بيۇروسىنىڭ شى جىنپىڭ باشلىق بارلىق ئەزالىرى ۋە سابىق كومپارتىيە باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى بار بولسىمۇ، ئەمما سابىق خىتاي رەئىسى ۋە پارتىيە باش سېكرېتارى جاڭ زېمىننىڭ ئىسمى كۆرۈلمىگەن. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، جاڭ زېمىن بىر ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ قېتىملىق بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەردە كۆرۈلمىگەن.

ھەتتا 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سابىق خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرىتارىنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرگەن سىياسىي بىيورونىڭ ھازىرقى ئەزالىرى ۋە خۇ جىنتاۋ، جۇ روڭجى قاتارلىق بىر قىسىم سابىق ئالىي رەھبەرلەرنىڭ قاتارىدىن جاڭ زېمىن ئورۇن ئالمىغان.

جاڭ زېمىننىڭ ئىسمىنىڭ مۇنداق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە سابىق ئالىي رەھبەرلىرى قاتارىدىن چۈشۈپ قېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى بو شىلەي، جۇ يوڭكاڭ ۋە باشقا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەرنىڭ پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازالىنىشىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىك قاتلىمىدا زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

18 - ئاپرىل كۈنى 81 يېشىدا ۋاپات بولغان تاۋ سىجۈ جاڭ زېمىن دەۋرىدە، يەنى 1990 - 1998 - يىلىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.