بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىغا «ئىمبارگو» قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

پرېزىدېنت بايدېن 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا ئۇنىڭ تاشقىي سىياسەت گۇرۇپپىسى خىتايغا بولغان قاتتىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەشكە باشلىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئېمىلى ھورنې، بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى 28 نەپەر ئەمەلدارىغا «ئىمبارگو» قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. خىتاي ئىمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچىدە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ بار ئىدى.

مايك پومپېيو شۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن، پومپېيونىڭ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېمىلى ھورنې خىتاينىڭ «ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش كۈنى بۇنداق ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى، پارتىيەلەرنى بۆلۈشكە ئۇرۇنۇش ئويۇنىدەك قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «پرېزىدېنت بايدېن ئامېرىكانىڭ بۇ رىقابەتتە خىتاينى يېڭىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تىرىشىدۇ،» دېگەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ترامپ ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايدېن ھۆكۈمىتىدىن مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ۋە تېخىمۇ ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئامېرىكانىڭ يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن 19-يانۋار كېڭەش پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ھەقلىق ئىكەنلىكى، «شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ھەرقانداق دۆلەتتىن ئېغىر خرىس ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.