ئامېرىكانىڭ يېڭى پرېزىدېنتى جوۋ بايدىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.01.25

ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى جوۋ بايدىنمۇ خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ 24-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئېمىلى خورنې، مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرىغا: «پرېزىدېنت بايدېن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتىدى ۋە ئۇنىڭغا مۇمكىن بولغان ئەڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.

سابىق پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى 20-يانۋار ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى» نى ئېلان قىلغان. بىراق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا يېڭى پرېزىدېنت بايدېننىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشى خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغانىدى. پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جىن ساكى ئۆتكەن جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا، پرېزىدېنتنىڭ بۇنىڭغا قاراپ چىقىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قورقۇنچلۇق مۇئامىلە توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكى، بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ دەيدىغان باشقا سۆزى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنىدى.

«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېمىلى خورنې بايدېننىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلۇقى، ئۇ خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئىزچىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېنمۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىنى قوللايدىغانلىقى، خىتاينى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.