پرېزىدېنت بايدېن، خىتاي بىلەن «پەۋقۇلئاددە كەسكىن رىقابەت» ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن «پەۋقۇلئاددە كەسكىن رىقابەت» ئىچىدە ئىكەنلىكى، بىراق ئامېرىكناىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە توقۇنۇشقا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت بايدېننىڭ 7-يانۋار (يەكشەنبە كۈنى) ئامېرىكا CBSتېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 20-يانۋاردىن بېرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق دەۋرىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق بىر رەھبەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت بايدېن شى جىنپىڭنى «ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقى»، ئۇنىڭ «ناھايىتى ئەقىللىق»، «ناھايىتى قاتتىق» ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق ئۇنىڭ سۆڭىكىدە دېموكراتىيە زەررىچىلىكمۇ يوق» دېگەن. بۇ بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئۆزىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرىنى بايان قىلىشى ۋە شى جىنپىڭغا باھا بېرىشىدۇر. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بايدېن ھۆكۈمىتىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يۇمشىشىنى كۈتسىمۇ، بىراق يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكانىڭ سودا، تەيۋەن، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى ناتايىن ئىكەن.

پرېزىدېنت بايدېن زىيارەتتە ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭغا «ئىزچىل توقۇنۇشۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك» دەپ ئېيتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئەمما خىتاي بىلەن «پەۋقۇلئاددە كەسكىن رىقابەت بولىدۇ ۋە بۇنى مەن ئۇ بىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن قىلمايمەن»، دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ تۇتقان يولىنى تۇتمايدىغانلىقى، بۇنىڭدا «خەلقئارا قائىدىلەرنىڭ يولىغا مەركەزلىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

بايدېن بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ دۈشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.