جوۋ بايدىن ئامېرىكا مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدا خىتاي ئىشلىرى بويىچە يېڭى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.02.11

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى بەلگىلەپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدا يېڭى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

جوۋ بايدېن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدىكى تۇنجى زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدە «مانا بۇ بىزنىڭ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇ رىقابەتتە غەلىبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىمىز،» دەپ كۆرسەتكەن.

«CNBC» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدا قۇرۇلغان بۇ يېڭى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەخمىنەن 15 مۇتەخەسسىستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكانىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئاستىنغا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدىكەن. بۇ يېڭى بايقاش ۋە تەۋسىيە دوكلاتى تۆت ئاي ئىچىدە تەييارلىنىپ بولۇشى كېرەككەن.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىجارەتتىكى زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن يىرىكلەشكەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى خىتاينىڭ تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى يوشۇرۇشى ۋە ئۇنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئارتماقچى بولۇشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. سابىق ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينى ئامېرىكاغا ئەڭ زور تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن.

پرېزىدېنت جوۋ بايدىن بولسا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى سۈپەتلىگەندە «ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئىنتايىن كەسكىن بىر رىقابەتكە تەييار» دەپ ئۆزىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ سابىق پرېزىدېت ترامپتىن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.