جوۋ بايدېن خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىدا مال تەمىنلەش لىنىيەسىنى «زەربىدار كۈچ» قىلماقچى بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-06-09
Share

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى 8-ئىيۇن كۈنى مال تەمىنلەش لىنىيەسىنى يېڭى «زەربىدار كۈچ» قىلىپ، خىتاينىڭ تەڭسىز سودىسىغا زەربە بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھۆكۈمەت يېرىم ئۆتكۈزگۈچتىن تارتىپ ئېلىكتېرلىق ماشىنا باتارىيەسىگىچە بولغان مۇھىم مەھسۇلاتلارغا باھالاش ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى باشچىلىقىدىكى مال تەمىنلەش لىنيەسى زەربىدار كۈچى خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرىدىكى زوراۋانلىققا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈش ياكى تۆلەم ئېلىش ئارقىلىق ئۇنى ھەل قىلىشنى ئويلىشىشقا بولىدىكەن.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ يىل 2-ئايدا مۇھىم مەھسۇلاتلارنىڭ مال تەمىنلەش لىنىيەسىنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇغان بولۇپ، ئىجرائىيە ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن خەتەرلىك بولغان مۇھىم مەھسۇلاتلارنى 100 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ باھالاپ، دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، گەرچە مەخسۇس خىتايغا قارىتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا قارشى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى جېرد بېرنىستېن مۇنداق دېگەن: «بىز مال تەمىنلەش لىنىيەسىنىڭ ئارقىسىدىكى مال يۆتكەش ھەرىكىتىنى ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنى بېجىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى شۇ كەسىپنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىش، بىز ھازىر مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز».

بايدېن ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بىر يىل بولغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ياساش سانائىتىدە ساقلانغان كەمچىلىكلەرنى تېپىپ چىقىدىكەن ۋە بۇنى ھەل قىلىش سىياسەتلىرىنى تۈزىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت