جون كەرىي يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەلچىلەر ھەققىدىكى ھېكمەتلىرىنى تىلغا ئالدى

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئۇيغۇر پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەلچىلەر ھەققىدە ئېيتقان ھېكمەتلىرى تىلغا ئېلىندى.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۇچراشتى.

يىغىندا سۆزگە چىققان جون كەرىي ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايونغا قاراتقان يېڭى يۈزلىنىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سودا، مەبلەغ سېلىش، تەرەققىيات ۋە پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق تەشەببۇسلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا تېخىمۇ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ،ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم شۇ خۇسۇستا ئۇچرىشىشى بولۇپ، بۇنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئۆزبېكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان.

جون كەري يەنە ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن ئۆزىنى قوغدىشىغا 15 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقى بىلدۈردى.

جون كەرىي يۇقىرىلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «11- ئەسىردە ئۆتكەن شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇندا يازغان ئىكەن، ‹دىپلوماتىك ئەلچى چوقۇم، پازىل، ئاقىل، پاراسەتلىك ۋە جەسۇر بولۇشى كېرەك.›»

ئۇ يەنە بۇنىڭ دىپلوماتلارغا قويۇلىدىغان بەك يۇقىرى ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى، ئەمما دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزلىرىنىڭ بىر دىپلومات بولۇش سۈپىتى بىلەن زۆرۈر بولغان بارلىق ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

بۇ، ئۇيغۇر پەيلاسوپلىرى دۇردانىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق سورۇندا چەتئەل سىياسىيونلىرى تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنىش ئەمەس.

ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى قازاقىستاننىڭ ئاستانا نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىدىن نەقىل ئالغان ئىدى.