خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدار چېن چۈەنگو شۇ كۈنى چاقىرىلغان «ش ئۇ ئا ر پارتكومنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى» نىڭ خىزمەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا ئۇ بۇندىن كېيىنكى ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا مەركەزنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىغا بىنائەن سىياسىي ئاڭنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى تولۇق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچلىق ھۆكۈم سۈرگەن، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئومۇملاشقان»، مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىككە تولغان مۇھىت بەرپا قىلىشنىڭ مەركەز قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇندىن كېيىنكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىىسى سىياسىي ئاڭنى كونترول قىلىش ۋە قانۇن سېپىنى كېڭەيتىش بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلىنمىغان. تېخىمۇ مۇھىمى بۇندىن كېيىنكى پارتىيە خىزمىتىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ دۆلەت قارىشى، جۇڭخۇا ئورتاق گەۋدىسى قارىشى قاتارلىق چۈشەنچىلەرنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بولىدىغانلىقى، بىرىنچى تۈركۈم سىياسىي-قانۇن سېپىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق ئىككىنچى تۈركۈم سىياسىي-قانۇن سېپىگە ياخشى ئاساس يارىتىش كېرەكلىكى مەخسۇس شەرھىلەنگەن.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادريان زېنز بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلاشتۇرۇش لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى 2040-يىلىغا بارغاندا تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا سىياسىي باستۇرۇشنىڭ سەۋىيەسى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ مېڭىشى مۇمكىن» دېگەن ئىدى. چېن چۈەنگونىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكىتلىگەنلىرى بۇ پىكىرنىڭ ئۇرۇنىسىز ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.