كابۇلدا ھازارە نامايىشچىلىرىغا قارىتىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 80 ئادەم ئۆلدى
2016.07.24
شەنبە كۈنى كابۇلدا ھازارە نامايىشچىلىرىغا قارىتىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 80 ئادەم ئۆلگەن، 230 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ھۇجۇمنى ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتى - «دائىش» ئۆزلىرى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋەقە نامايىشچىلار كابۇلنىڭ دەھمازاڭ مەيدانىغا كەلگەندە يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا نامايىش مەيدانىدا مىڭلىغان ھازارە نامايىشچى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر لىنىيەسىنىڭ ئۆز رايونىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كابۇل ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيانى جەنۇبىي ئاسىياغا تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيىسىنىڭ يۆلىنىشىنى ئەسلىدىكى پىلان قىلىنغان بامىيان ئۆلكىسىدىن ئۆزگەرتىپ، سالاڭ رايونىغا يۆتكەپ كەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بامىيان ئۆلكىسى ھازارە مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ توك لىنىيىسىنى ئۆزگەرتىش قارارى بۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ھازارەلەر ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى ئېتنىك گۇرۇپپا بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان ئافغانىستاندا دىنىي ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
بۇ 500 كىلوۋاتلىق توك لىنيەسى تۈركمەنىستان - ئۆزبېكىستان - تاجىكىستان - ئافغانىستان - پاكىستان لىنيەسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئېنېرگىيە باي ئوتتۇرا ئاسىيا ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنى ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەرزان باھادا تەمىنلەش مەقئەت قىلىنغان. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ۋە دۇنيا بانكىسى ئورتاق مەبلەغ سالغان بۇ لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ لىنىيە پىلانى 2013 - يىلىلا تاماملىنىپ بولۇنغان.
ھالبۇكى، لىنىيىدە ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، ھازارە خەلقى 2016 - يىلى يانۋاردىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇلار شەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ لىنىيەنى ئۆزگەرتىش قارارىغا يەنە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، نامايىش قانلىق ئاخىرلاشقان. ئەلجەزىرەنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇمدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان «دائىش» گۇرۇھى ئۆزلىرىگە تەۋە ئىككى ھۇجۇمچىنىڭ «بەدىنىگە بومبىلارنى تېڭىپ كابۇلدىكى شىئەلەرگە ھۇجۇم قىلغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.
ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسمائىل كاۋوسى ئۆلگەنلەر سانىنىڭ يەنە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشراف غەنى ئۆزىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمدىن چوڭقۇر قايغۇغا چۆمگەنلىكىنى ۋە تېررورىستلارنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ھۇجۇم يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئەڭ قانلىق ھۇجۇملارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.