ئالتاي ۋىلايىتى پارتىيە كادىرلىرىنىڭ تويدا نىكاھ ئوقۇتۇشىنى چەكلىگەن
2016.05.05
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ، پارتىيە كادىرلىرىنىڭ تويدا نىكاھ ئوقۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تارقالدى. تېڭشۈن، سۇخۇ قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئالتايدا «دىننىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەققىدە بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان. پارتىيە كادىرلىرىنىڭ تويىدا نىكاھ ئوقۇتۇشىنى چەكلەش شۇ تەدبىرلەرنىڭ بىرىكەن.
تېڭشۈن تورىنىڭ 1-ماي ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، «ئالتاي بەلگىلىمە چىقىرىپ، نىكاھ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە قول تىقىشنى چەكلىدى. كادىرلارنىڭ توي قىلغاندا نىكاھ ئوقۇتۇشىنى مەنئى قىلدى» دېيىلگەن.
مەزكۇر خەۋەرنى يەرلىك دائىرىلەر تېخى دەلىللىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئالتاي دائىرىلىرىنىڭ چىقارغان توي، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر تۇنجى بەلگىلىمىسى ئەمەس. ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم 2014-يىلى پارتىيە كادىرلىرىنىڭ توي ۋە نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى چىقىرىپ، كادىرلارنىڭ پەرزەنتى ۋە ئاتا -ئانىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ نىكاھىغا قاتنىشىشىنى ۋە ئۇلارغا نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئەگەر بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى دەلىللەنسە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي ئېتىقادنى كونترول قىلىش ئۈچۈن چىقارغان ئەڭ رادىكال تەدبىرى بولۇپ قالىدۇ »دېدى.
ئۇ، بۇ بەلگىلىمە يەرلىك كادىرلارنى ئىككى خىل يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا، يا دىنىي ئېتىقادىنى يا كادىرلىقنى تاللاشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ بەلگىلىمە رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ ئەسلىدىنلا كەسكىن مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.









