كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇشتا ئەيىبلەندى
خىتاي ئىلىم ساھەسى ھېچقاچان پارتىيەدىن ئايرىلمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ئېتنىك تازىلاشنى ئىدىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مىللىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ‹قانۇنى ئاساس› يارىتىپ بېرىدۇ.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024-02-22 -
-
-
«كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار گېزىتى» نىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا دەپسەندىچىلىك قىلىشىغا سۈكۈتتە تۇردى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىققا شېرىك بولدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جەمئىيىتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېڭىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى» تەشكىللەپ، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرماسلىققا چاقىرغان. ئۇلار كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە «ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتى» دىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئايرىم-ئايرىم ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلىشىغا سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ خەتتە ئۇنىۋېرسىتېتنى خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان. شۇنداقلا خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇنىۋېرسىتېتقا 28 مىليون فوندستېرلىڭدىن ئارتۇق پۇل بەرگەنلىكى ۋە بۇ شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى تەكىتلەنگەن. خۇاۋېي گۇرۇھى بولسا يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا ئەڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان خىتاي پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.
ئوقۇغۇچىلار يازغان خەتتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئىلىم ساھەسى ھېچقاچان پارتىيەدىن ئايرىلمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ئېتنىك تازىلاشنى ئىدىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مىللىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ‹قانۇنى ئاساس› يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەمكارلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قولايلىق يارىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ھەمكارلىقنى دەرھال توختىتىش كېرەك.»