يەكشەنبە كۈنى كامبودىژانىڭ پايتەختى پىنونپېن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نامايىش يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى خۇنسېننى ئىستىپاغا چاقىردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى خۇنسېن ھۆكۈمىتىنى قانۇنسىزلىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن چۈشۈشكە چاقىرغان.
بۇ يىل 7-ئايدا كامبودىژا ۋەتەننى قۇتقۇزۇش پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سايلامدا غەلىبە قىلىش ئېھتىمالى چوڭ بولغان بولسىمۇ، بىراق نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى. ئۆكتىچىلەر بۇ سايلامدا ناھەقچىلىك بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ، 55 نەپەر ئۆكتىچى پارتىيە ئەزاسى ئۆزلىرىنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قەسەم بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.
بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئۆكتىچىلەر مەملىكەتتىكى كىيىم تىكىش ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىشچىلارنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. يەكشەنبە كۈنىگە كەلگەندە نامايىشقا بىر قانچە ئونمىڭ كىشى قاتنىشىپ، 30 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خۇڭسېننى تەختتىن چۈشۈشكە چاقىردى.